ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەنىن شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن ئۈچ دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى.
پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن نۇرغۇن مەھەللىلەرگە تەرەپ- تەرەپتىن بېسىپ كىرگەن. مەرگەنلىرىنى ئېگىز بىنالارنىڭ ئۆگزىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنى ھەممىلا تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان.
خەۋەردە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغان ئىككى ياشنى قولغا ئالغانلىقى، جەنىن دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدى ۋە ئەتراپىنى توسقانلىقى ھەمدە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ۋە ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىن دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، ئەسكەرلەرنىڭ يۈزدىن ئارتۇق ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىلى ۋە يەتتە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن جەنىن شەھىرى ۋە جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا بېسىپ كىرىپ، جەنىن دۆلەت دوختۇرخانىسى، ئىبنى سىنا دوختۇرخانىسى ۋە ئەر رازى دوختۇرخانىسىنى قورشاۋغا ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
خەۋەردە، بېسىپ كىرىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «ئىزدەپ تۇتۇش تىزىملىكىدىكىلەر» دەپ تۈرگە ئايرىغان پەلەستىنلىكلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى، ئىزدەۋاتقان كىشىلەر تېپىلمىغان ئەھۋالدا بولسا، ئۇلارنىڭ دادىلىرى، ئانىلىرى ياكى تۇغقانلىرىدىن بىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار بەزى مەھەللىلەردە ۋە جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ جەنىن دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا قىزىلئاي جەمئىيىتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەزالىرىدىن بىرىنى قولغا ئالغانلىقى، راست ئوق بىلەن پۇتى يارىلانغان كىشىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقىمۇ توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.