رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بېلارۇسىيە، مولداۋىيە ۋە قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە پاسپورتىغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامەنى ئىمزالىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامەنىڭ روھىغا ئاساسەن، بېلارۇسىيە، مولداۋىيە ۋە قازاقىستان پۇقرالىرى ئولتۇراقلىشىش ئىجازەتنامەسى ئالغاندىن كېيىن رۇسىيەدە بەش يىل تۇرۇش، رۇسىيە تارىخى ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسى دېگەندەك تېمىلار بويىچە ئىمتىھان بەرمەيدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، بېلارۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ رۇسچە بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، قازاقىستان ۋە مولداۋىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەن.
پۇتىن رۇسىيەنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئولتۇراقلىشىشنى خالايدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ پۇقرالىققا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، بىر قانچە قېتىم پۇقرالىق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ئەتىيازدا پۇتىن رۇسىيە ھەربىي مۇلازىمەت توختامىغا ئىمزا قويغانلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشمۇ ئاسانلاشتۇرۇلدى. مەسىلەن، كېيىن ئېلىنغان رۇسىيە پۇقرالىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىناۋىتىگە تەھدىت سېلىش ياكى ئارمىيە ھەققىدە «ساختا» خەۋەرلەرنى تارقىتىش ۋە ياكى نامۇۋاپىق تەشكىلاتلارغا ئەزاسى بولۇش دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى بىكار قىلىنىدۇ.