خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى
1- ماشىنىلاشقان پىلىموتلار، كامېرا ۋە باشقا سەزگۈچى ئۈسكۈنىلەرگە زەربە بېرىش، پاسىل تامغا ياسالغان گەۋدىلىك كونترول ۋە خەۋەرلىشىش مۇنارلىرىنى پارتلىتىش.
2- چېگرا رايونىدىن كېلىدىغان يانفون ئالاقىلىرىگە كاشىلا پەيدا قىلىش. قوراللىق كۈچلەر ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، سودا خاراكتېرلىك،توردا سېتىۋالغىلى بولىدىغان، قىممىتى 800 ئامېرىكا دوللىرىلىق كاشىلا پەيدا قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۈسكۈنىلەرگە سىگنالنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئىشلىتىدىغان چاستوتىلارغا قارشى ئېلېكتىرونلۇق كاشىلا پەيدا قىلىشقا ئوخشاش ئاددىي تېخنىكا ئىشلىتىلگەن.
ئەڭ مۇھىم ئۇرۇش پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى – دۈشمەن ئالاقىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈشتۇر.
3- خاماس ھۇجۇم باشلانغان كۈنى 3000 دىن 5000 گىچە زور مىقداردا راكېتا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ تۆمۈر گۈمبەز سىستېمىسى ئۈستىدىن ئوڭايلا غەلىبە قىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ نەق مەيداندا ئاران 1000 دەك توسقۇچى راكېتاسى بار بولۇپ ئارمىيەنىڭ، خاماس قۇيۇپ بەرگەن زور مىقداردىكى راكېتالارنى توسۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە تىز سۈرئەتتە قايتا تولۇقلىشىغا ئىمكان بولمىغان.
4- قايمۇقتۇرۇش: ئىسرائىلىيە خاماسنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتا ئامالسىز قالدى ۋە مەغلۇپ بولدى. شۇنداقلا باشقا بارلىق ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىشنى نازارەت قىلىشتىمۇ مەغلۇپ بولدى. چۈنكى، ئىسرائىلىيە ھەر قانداق ئېھتىماللىق ھۇجۇمدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتە، ئەگەر خاماس ھۇجۇم قوزغىسا ياكى ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىسا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ بولىدۇ دېگەن پەرەزگە ئاساسەن بۇ ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا تاياندى. شۇنىسى ئېنىقكى، خاماس ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئۆزىگە قارشى ئىشلىتىشتە ئۇتۇق قازاندى. بۇ، ھۇجۇمنى پىلانلاشتا پەقەت يۈز تۇرانە بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا تايىنىپلا ئەمەس بەلكى، ئىسرائىلىيەنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن تېلېفون سۆھبىتىدە ئىسرائىلىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قىلىشنى ئانچە خالىمايدىغانلىقىنى قەستەن ئىشارە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى.
- خاماس يېقىن ئەتراپتىكى ئىسرائىلىيە ھەربىي بازىلىرىغا بېسىپ كىرىپلا ئېلېكتىرونلۇق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى يۇقاتتى، يەرلىك ئالاقىنى ئۈزدى ۋە ئۇنىڭغا قارشى كاشىلا پەيدا قىلدى. ئىسرائىلىيە ھەربىي ئورگانلىرى خاماسنىڭ ھۇجۇمىدىن ئىككى سائەتتىن كۆپ ۋاقىت خەۋەرسىز قالغان ھەمدە چوڭ خەتەر بار دەپ ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىلىشتىن ئىلگىرى ئالتە سائەت ئۆتۈپ كەتكەن.
5-مېركافانى مەغلۇپ قىلىش: مېركافا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تانكىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا كۈچلۈك زەمبىرەك، ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق نىشانلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى مۇداپىئە ساۋۇتى سەپلەنگەن. ئەمما ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ روسىيە تانكىلىرىغا قارشى ئىشلەتكەن، (سودا خاراكتېرلىك) كىچىك تىزگىن ئۇچقۇ ئارقىلىق قول بومبىسى تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇنى تىزلا پارتلىتىۋەتتى. ئەگەر يەنە بىر مېركافا تانكىسى ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا جاۋاب قايتۇرسا ئۇمۇ ئوخشاشلا تەقدىرگە يولۇققان.
خاماس دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تېخنىكىنى قانداق مەغلۇپ قىلدى؟
«ئەقسا توپانى» ھەرىكىتىنىڭ ساداسى بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ زالى ۋە نۇرغۇن دۆلەتتىكى ھەربىي ئورگانلارنىڭ زالىدا ياڭرىدى. ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر بەزىلەرنىڭ ئىنشائاتلار ۋە يۇرت ماكاننى ھۇجۇمدىن قوغداش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىلىق بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىشنى بىخەتەر ئۇسۇل دەپ قارىغانلىقىغا نىسبەتەن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىكى خاماسقا ئوخشاش بىر قەدەر ئاددىي تېخنىكىغا ئىگە بىر تەشكىلاتقا قارشى مۇداپىئەگە كاپالەتلىك قىلالمىسا ئۇنداقتا، روسىيە ياكى خىتاي ۋە ياكى ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە باشقا رەقىبلەر پەيدا قىلىدىغان ۋەيرانچىلىق قانچە زور بولىدۇ؟
- بەشبۇرجەكلىك بىنا يەكۈنلەۋاتقان تەجرىبە ناھايىتى كۆپ.
بۇنىڭ بىرى: يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇداپىئە ۋاسىتىلىرى ۋە ئەڭ زامانىۋى قوشۇنلارغا ئىگە دۆلەت جەڭدە ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقى ئېنىق. - ئامېرىكىغا نىسبەتەن، ئەڭ چوڭ ساۋاق شۇكى، ئىلغار تېخنىكىغا تايىنىش ھەمىشە ياخشى تاللاش ئەمەس ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ يوشۇرۇن كىرگۈچىلەرنى توسۇش، راكېتالارنى توسۇش ۋە دۈشمەن مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ساھەدىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
- ئوتتۇرا شەرقتىكى تېخنىكا ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھازىر ئىپتىدائىي سەۋىيەدىكى رەقىبىنىڭ چوڭ خەلق قوزغىلىڭىدىن بۇيانقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا بىر كۈندە نۇرغۇن يەھۇدىينى قانداق ئۆلتۈرەلىگەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
- ئىسرائىلىيە 2021-يىلى پۈتكەن غەززە چېگراسىنى بويلاپ ياسالغان يۇقىرى تېخنىكىلىق چېگرا توسۇقىغا بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق چىقىم قىلغان.
- پولات چىۋىقلىق بېتوندىن تەركىب تاپقان، تۆمۈر تام دەپ ئاتالغان بۇ توسما تام يەر يۈزىدىن 20 ئىنگلىز چىسى ئېگىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ يەنە ئاستىغا لەخمە كولاشنىڭ تەسكە توختىشى ئۈچۈن يەر ئاستىغا چوڭقۇر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ توسمىغا نەچچە يۈزلىگەن كېچىلىك كامېرا، چوڭقۇرلۇقتىن لەخمە كولىغان ئاۋازىنى سۈزەلەيدىغان يەر تەۋرەشنى بايقاش ئۈسكۈنىسى، جىسىم ياكى ماشىنىنىڭ ئىسسىقلىقىنى بايقايدىغان ئىسسىقلىق سەزگۈچ ھەمدە ئۇچار جىسىم تەھدىتىنى بايقاش رادارى دېگەندەك بىر تۈكۈم ناھايىتى ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن. شۇنىڭدەك يۆتكىلىشچان ماشىنا ئادەم ئەتراپنى قەرەللىك چارلاپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە كىچىك تىپتىك تىزگىن ئۇچقۇ دائىم يۇقىرىدىن تۆۋەنگە كۆزىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، تامنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق پلمۇتلار نىشانغا يىراقتىن باشقۇرۇلۇپ ياكى سەزگۈچ ئۈسكىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن «سۈنئىي ئەقىل» نىڭ توغرىلىشى ئارقىلىق زەربە بېرىدۇ.
- مىڭلىغان ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ، بۇنداق مۇداپىئە سىستېمىسىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلالىشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەييارلىق ھالىتىنى ئېلىپ بارمىغان ئەھۋالدا، پارتلاتقۇچلار ۋە ئېغىر ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالايدۇ دېگەن قاراش بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بىمەنە بىر پىكىر دەپ قارالغان ئىدى. بۇ سىستېما ئارمىيەنى ھەر قانداق كىچىككىنە ھەرىكەتتىنمۇ دەرھال ئاگاھلاندۇرالايدۇ، نەچچە يۈز قوراللىق ئۇياقتا قالسۇن، ھەتتا بىر ھۇجۇمچىنىڭ جىمجىت ھالدا تامنى بۆسۈپ ئۆتىشىنى توسۇپ قالالايدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى.