ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھ رايونىنى ئىشغال قىلىشتا «مۈجمەل پىلانلىرى» بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى قارار قىلدى.
باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياخۇ شەنبە كۈنى كەچتە مۇخبرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەربىي ھەرىكەتنى كېڭەيتىش نىيىتىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئىشنى قىلىمىز».
بۇ بايانات كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشنىڭ سېگىنالى بولۇپ، تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ پەلەستىنلىك رافاھقا قاپسىلىپ قالدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىپ پەلەستىن خەلقىنى قوغلاپ ئاخىرى مىسىر چېگراسىنى قورشاۋغا ئالدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ باش قوللىغۇچىسى بولغان ئامېرىكا بۇ شەھەرگە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى باشلاش پىلانىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بۇ شەھەردە نەچچە ئاي دېگۈدەك كۈندىلىك بومباردىمانغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ئادەتتە ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس.
ئەلجەزىرەنىڭ رافاھ رايونىدىكى مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بۇ ھەپتە ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بىر كېچىدىلا رافاغا قىلىنغان ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 25 پەلەستىنلىك قازا قىلغان.