38.2K
ئىگىلىنىشچە ، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تۈرمىسى گۈەنتاناموغا 15 يىلغا يېقىن قامالغان ئىككى سابىق مەھبۇس ئافغانىستانغا قايتىپ كەلگەن.
گۈەنتانامودا 15 يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىككى ئافغانىستان پۇقراسى 2002-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئافغانىستانغا قايتىپ كەلدى.
موللا ئابدۇززاھىر سابىر ۋە ھاجى ئابدۇلكىم ئىسىملىك ئىككى ئافغانىستانلىق بۈگۈن ئافغانىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.
بۇ ئىككى كىشى 2002-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
بۈگۈن ئەتىگەندە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا كەلگەن بۇ ئىككەيلەن ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى ۋە يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.