ئاسىيائامېرىكاباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئوق-دورا تەمىنلەش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.


⭕️ تۈركىيە مۇداپىئە شىركىتى Repkon نىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى 2025-يىلغا بارغاندا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقىنىڭ تەخمىنەن %30 نى ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن.

⭕️ سۆھبەتتىن خەۋەردار ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنى زەمبىرەك ئوقىدا ئىشلىتىلىدىغان TNT بىلەن تەمىنلىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىك 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىشتا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

⭕️ تۈركىيە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىغا ئەڭ كۆپ زەمبىرەك ئوقى ساتقان دۆلەتكە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

⭕️ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلار مۇنداق دېدى: ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى يەر شارى مۇداپىئە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بولۇپمۇ TNT قاتارلىق پاتلاتقۇچ ماددىلاردا…..

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button