مىلادى 627- يىلى ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن كېيىن مەككە مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلاردىن ئىنتىقامىمىزنى ئالدۇق دەپ بىرئاز تېنىچلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەدىنىدىكى بەنى نەزىر يەھۇدىلىرى رسول الله صلى الله عليه وسلم گە سۇيقەست پىلانلىدى . اللە تعلى نىڭ ۋەھى يولى ئارقىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن رسول الله صلى الله عليه وسلم بۇ سۇيقەستتىن قۇتۇلۇپ قالدى .
مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىيلاردىن تەركىپ تاپقان 10000 كىشىلىك بىرلەشمە رسول الله صلى الله عليه وسلم گە قارشى تەييارلاندى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان رسول الله صلى الله عليه وسلم ساھابىلار بىلەن مەسلەھەتلەشتى ۋە ساھابىلارغا:
«اللە يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە سەبىر قىلىپ،اللە قا ئاسىيلىق قىلمىساڭلار چۇقۇم اللەنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىلەيسىلەر» دىدى .
ئىستىراتېگىيلىك تەتقىقات نەتىجىسىدە كافىرلارغا قارشى مەدىنە ئەتراپىغا خەندەك كولاش قارار قىلىندى.
خەندەك ئۇرۇشى |
چۈشۈرۈش |
بۇ فىلىم بالىلارغا ئىسلام تارىخىنى ئۆگىتىشتىكى ئەڭ ياخىشى تاللاش بولغۇسى…….