ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قۇرغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قورو ـ جايلىرىنى، مال ـ مۈلۈكلىرىنى ۋە تېخى سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
سۈرە ئەھزاپ 26-27 ئايەتلەر
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاھ بۇ ئايەت ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزگە خەيبەرنىڭ فەتھىسىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. مەدىنىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خەيبەرنىڭ ئەتراپىدا كۆپلىگەن قەلئەلەر بار بولۇپ، مەدىنىدە قېلىپ قالغان يەھۇدىلارنىڭ ئۆلگەنلىرى ئۆلۈپ، قالغانلىرى خەيبەرگە يىغىلىشقان ئىدى ۋە ئۆز-ئارا گەپ تارقىتىشىپ خەيبەرنى بىر پىتنە بازىرىغا ئايلاندۇرۇدى.
پەيغەمبىرىمىز تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خەيبەرگە قاراپ يۇلغا چىقتى.
مۇشەققەتلىك بىر جەڭدىن كېيىن خەيبەر شەھىرى فەتھ بولدى. مۇسۇلمانلار بۇ شەھەردىن نۇرغۇن غەنىمەتلەرگە ئېرىشتى.
بۇ فىلىم بالىلارغا ئىسلام تارىخىنى ئۆگىتىشتىكى ئەڭ ياخىشى تاللاش بولغۇسى…….