TurkistanPress نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر مەسچىتنى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» نى تەشۋىق قىلىدىغان ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان.
رەسىملەردىن ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئۆيى» نىڭ مەسچىت ئىكەنلىكى ۋە ھەر خىل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئامىللارنىڭ بارلىقىنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇ.
خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزغا ئۇخشىان تۈرۈك قان سېستىمىسىدىكى مۇسۇلمان كىشىلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغاندىن سىرت يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا.
مەلۇمكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن ياكى تاجاۋۇزچى خىتاي كۆچمەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن «مەدەنىيەت ئۆيى» گە ئايلانغان.
ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن قەشقەردىكى قاۋاقخانا ياكى ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتكەن مەسچىتلەرنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلانغان بولۇپ، يەرلىك مەنبەلەردە بۇ مەسچىتلەرنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي كۆچمەن ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەتتە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
مەنبە: Mepa News