سۇتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارسلانخاننىڭ ئۇغلى بۇلۇپ، ئۇ مىلادىيە 900 – يىللىرى ياكى 910 – يىللىرى تۇغۇلغان، ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ سۇتۇق بۇغراخان كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان.
سۇتۇق دۇستلىرى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانى بىلەن تونۇشۇپ ھەم سۆھبەت بولغان، ئەبۇ نەسىر سامانى مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ھەدسلىرىدىن نەقىل ئىلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە گۈزەللىكىنى سۇزلىگەن . ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىدىن تەسىرلەنگەن سۇتۇق، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سۇتۇقنىڭ تۇغقانلىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئىسمنى «ئابدۇلكېرەم» دەپ ئاتىدى.
سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسى ئەسلى تەخىت ۋارىسى بولغان سۇتۇق 18 ياشقا كىرگەندە تەخەتنى بېرىشدىن باش تارتىپ سۇتۇقنى قەسلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، سۇتۇق ئۇغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋىلىش پىلانىنى تۇزگەن. بۇنىڭ بىلەن قەشقەردە بىر قىسىم مۇسۇلمان 300 پىدائىلاردىن تەركىپ تاپىقان ئەسكەرلەر بىلەن شەرت -شارائىت تەدرىجى پىشىپ يىتىلگەنلىكى پەملەپ ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ماسلىشىغا تەيىنىپ ھەربىي ئۇزگۇرۇش قۇزغاپ، تاغىسى ئۇغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئۇردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، قارشىلىق قىلغان تاغىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەخىتنى تارتىۋالغان .
ھاكىميەت پۇتۇنلەي سۇتۇقنىڭ قۇلىغا ئۇتكەندىن كېين قەشقەر خەلىقى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھاكىميىتىنى قۇبۇل قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان مىلادىيە 1027 – يىلى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ خانى دەپ ئىلان قىلىندى . ئۇ ئىسلام دىنىنى دۇلەت دىنى قىلىپ ئىلان قىلغان بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھىساپلىنىدۇ .
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە جەڭ مەيدانىدا ئات ئۈستىدە ياشىغان.
مەنبە: wikipedia