خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىكى جاسۇس ئەسكەر تەرىپىدىن تەۋرىدى. ئاتالمىش خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بارلىقى بايان قىلىنغان شەرق ھەرىكەت رايونى قوماندانلىق ئىشتابىدا ئىشلەۋاتقان فېن فامىلىلىك بۇ ئەسكەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە ھەربىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغانلىقى ئېنىقلاندى.
ئائىلە ۋە دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقان ھەربىي ئىشلار مەخپىيەتلىكى
شەرقىي ھەرىكەت رايونى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ ، ئەسكەر چېننىڭ ئۇچۇر ئەپلىرى ئارقىلىق ھەربىي سىرلارنى مۇزاكىرە قىلىغانلىقى ۋە ھەربىيلەرنىڭ رەسىملىرىنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ باياناتىدا چېننىڭ تېلېفوندا تور ئويۇنى ئويناۋاتقاندا ئۆزىنىڭ ھەربىي كىملىكىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ۋە رۇخسەتسىز نىمكەش تېلېفون سېتىۋالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
2020-09-26
مەنبە: yenisafak