خىتاي ئارمىيىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش تارتىش بولىۋاتقان رايۇندىكى جىددىيلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتقا، ئۆز دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا 5 ھەربىي مانېۋىر باشلىغان.
دۈشەنبە كۈنى رويتېر خەۋەر ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ مانېۋىرنىڭ ئىككىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش تارتىش بولۇۋاتقان پاراسېل ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا، بىرسىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزدا يەنە بىرسىنىڭ بولسا بوخەي دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلۋاتقان ئىكەن.
خىتاي يېقىنقى كۈنلەردە قەرەللىك ھالدا ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇخشىغان بىر قانچە رايۇندا بىرلا ۋاقىتتا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق جىددىي ھالدا كۆپ رايوندا مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن .
2020-09-29
مەنبە: رويتېر ئاگېنىتلىقى