روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دۆلەت مۇداپىئە كونترول مەركىزىنىڭ باياناتىدا، بالتىق دېڭىزى ھاۋا تەۋەلىكىدە دۆلەت چېگراسىغا يېقىنلاشقان ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئالدىنى Su-27 ئايروپىلانىنىڭ توسقانلىقىنى بىلدۈردى.
سپۇتنىكتىكى خەۋەرگە قارىغاندا ، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «9-ئاينىڭ 28-كۈنى ، روسىيە ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش مەركىزى روسىيە چېگراسىغا يېقىنلاشقان 2 ھاۋا نىشانىنى بايقىدى».
بالتىق دېڭىزى فىلوتى ھاۋا مۇداپىئە قىسمىغا تەۋە Su-27 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ نىشاننى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنىڭ روسىيە چېگراسىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇچقان، روسىيە كۈرەشچى ئايروپىلان خادىملىرى ھاۋا نىشانىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىغا تەۋە P-8A تىپلىق چارلاش ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى بايقىغان».
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى لىنىيىسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن روسىيە ئايروپىلانىنىڭ بازىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان باياناتتا، چەتئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ روسىيە چېگراسىغا قانۇنسىز كىرىىشگە يول قويۇلمىغانلىقى تەكىتلەندى.
2020-09-29
مەنبە: Mepa News