ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ، 2 دانە تۆمۈر گۈمبەز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارېيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىز قاتنىشىشى بىلەن #ئامېرىكىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى بايان قىلىندى.
بۇ باتارېيەنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر خىل باللىستىك ۋە ھاۋا تەھدىتىدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئىشلىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى 2019-يىلى 2-ئايدا #ئىسرائىلىيەدىن چەكلىك ساندىكى «تۆمۈر گۈمبەز» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ سېتىلىۋالدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە رافائىل شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۆمۈر گۈمبەز سىستېمىسى 2011-يىلدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئىشلىتىلدىغان سېستىما.
2020-09-30
مەنبە: TRT HAWAR