روسىيە سۈرىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن بۇيان ، ئونمىڭلىغان پۇقرانى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى.
5 يىل ئىلگىرى بۇ دۆلەتتىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان روسىيە پۇقرالارغا قارىتىلغان قەستەن ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان.
2015-يىلى 30-سېنتەبىر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئېغىر زىيان تارتقاندىن كېيىن ئۇرۇشقا قاتناشقان رۇسىيە يەر يۈزىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.
«تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىنى باھانە قىلغان روسىيە پۇقرالارغا قارىتىلغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇمنى تەشكىللىدى.
«روسىيە 5 يىلدا كەم دېگەندە 22 مىڭ پۇقرانى ئۆلتۈردى»
AirWars تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، 5 يىلدا روسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 22 مىڭ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ، 40 مىڭ پۇقرا يارىلانغان.
روسىيە ھۇجۇملاردا چەكلەنگەن ۋە خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقئارا سەھنىدە روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى رولىغا قارشى ھېچقانداق ئېغىر قەدەم تاشلانمىدى.
روسىيە بىلەن ئىران بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇمىنى قوللايدىغان ئىككى دۆلەت.
2020-10-02
مەنبە: Mepa News