خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھرىدە پەيدا بولغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (COVID-19) يۇقۇمىدا بايقالغان بىمارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 34 مىليون 484 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
« Worldometer» تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، نۆۋەتتىكى COVID-19 بار دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار توپلانغان بولۇپ ، دۇنيا مىقياسىدا 1 مىليون 27 مىڭ 654 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن.
دۇنيا مىقياسىدا 34 مىليون 484 مىڭ 468 ئادەم يۇقۇملانغان، ۋىرۇس بىلەن بايقالغان 25 مىليون 674 مىڭ 937 ئادەم ئەسلىگە كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ، 7 مىليون 781 مىڭ 877 بىمار داۋالىنىۋاتقان.
COVID-19 ئامېرىكىدىكى 7 مىليون 494 مىڭ 671 ئادەمدە بايقالغان ، 212 مىڭ 660 ئادەم يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆلگەن.
2020-10-03
مەنبە: TRT HAWAR – AA