ئۇ 1925-يىلى بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بوسانسكى ئوماك بازىرىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسلامى ئائىلە ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇ سارايېۋودىكى گېرمانىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئىنتىزام بىلەن ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچى دەپ ئېتىراپ قىلىندى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەۋزەل قابىلىيىتى ۋە ئىسلام مەسىلىلىرىگە قىزىقىشى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە كۆزگە كۆرۈندى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بوسنىيە: مۇسۇلمان ياشلار كۇلۇبى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۇلۇب قۇرۇپ ، بىر قىسىم دوستلىرى بىلەن دىنىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ بۇ كۇلۇبنى قۇرغاندا ئاران 16 ياشتا ئىدى ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەچكە ئۇ قۇرغان كۇلۇب تەپەككۇر كۇلۇبىدىن پائالىيەت كۇلۇبىغا ئايلاندى.
ئۇ بىر قىسىم مائارىپ ۋە خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىدى. ئۇ يەنە ياش قىزلار ئۈچۈنمۇ بىر ئايرىم كۇلۇب قۇردى. ئۇ يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلغان.
ئىزېتبېگوۋىچ قۇرغان مۇسۇلمان ياشلار كۇلۇبى ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇ ئۇرۇش جەريانىدا پۈتكۈل يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىنى گېرمانلار ئىشغال قىلدى. بۇ ئۇرۇش داۋامىدا سېرىپ قوشۇنى گېرمانىيەنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ بوسىنىيەدە 100.000 مۇسۇلماننى ئۆلتۈردى.
1983- يىلدىن 1988- يىلغىچە بولغان بەش يىللىق قاماق جازاسى ئىزېتبېگوۋىچنىڭ ھاياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تۈرمىدە ئويلىنىش ، ئىدىيە يارىتىش ۋە ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ئىدىيەلەردىن نەپ ئېلىش پۇرسىتى كۆپ ئىدى. ئۇ تۈرمىدە «شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىسلام» مەشھۇر كىتابىنى يازغان بولۇپ، بىر دوستى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تارقالدى ۋە زور تەسىر قوزغىغان. ئىززېتبېگوۋىچ بۇ كىتاب بىلەن ئىسلامنى ئاددىي ۋە ئىخچام شەكىلدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇ 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدا غەلبە قىلدى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ئەلىجا ئىزېتبېگوۋىچ پرېزىدېنت بولدى. كېسەل سەۋەبىدىن 1996-يىلى 14-مارت پرېزىدېنتلىقىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
2000-يىلى ئىزېتبېگوۋىچ سارايېۋودىكى ئۆيىدە يالغۇز تۇرغان بولۇپ، 2003-يىلى ، بىر كۈنى كەچتە ئۇ باش قېيىپ يىقىلىپ چۈشۈپ ، بەش-ئالتە قوۋۇرغىسىنى سۇندۇردى. قوۋۇرغىنىڭ سۇنۇپ كېتىشى ئىچكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2003- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى 78 يېشىدا ۋاپات قىلىدۇ.
2020-10-05
مەنبە: wikipedia / AA