تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي مەشھۇر شەخسلەرمۇھەممەد سالىھ داموللا

مۇھەممەد سالىھ داموللا

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2020-10-06
Share 0FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
2.8K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
    2020-09-25
  • سابىت داموللام
    2020-09-17
  • ئەلى ئىززېتبېگوۋىچ
    2020-10-05
  • ئالتاي بۈركىتى «ئوسمان باتۇر»
    2020-09-17
  • ئەھمەد يۈكنەكى
    2025-07-04
  • ئابدۇقادىر داموللام
    2020-09-17

ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1936-يىلى ئاتۇشتا تونۇلغان دىنىي ئالىم سالىھ داموللا ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بىرگە ئائىلىسىدە مۇنتىزىم دىنىي تەربىيە ئالغان ۋە 11 ياش ۋاقتىدا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادقا ئېلىپ تۈگەتكەن. شۇنداقلا دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمدا ئەرەب، پارىس تىللىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتكەن.
1949-يىلى ۋەتىنىمىز خىتاي كوممونىستىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن باشقا بارلىق ئالىم-ئۆلىما ۋە زىيالىيلار قاتارىدا مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئائىلىسىمۇ نۇرغۇن قېيىنچىلىق ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلگەن. بېراق ئۇستاز ھەر قانداق قېيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ئالدىدىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەر قاچان ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىدە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇمايتتى ۋە “پەدەر مېنىڭ ھەر تەرەپتىن كامىل بولۇپ يېتىلىشىمگە ئۆزى بىر قوللۇق يېتەكچىلىك قىلغان” دەيتتى.
ئۇستاز ئۆز يۇرتىدا پۇختا ئاساس سالغاندىن كېيىن ئەينى دەۋر شارائىتنىڭ تەقەززاسى بويىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان “جوڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتۇتى”دا ئوقۇشقا كىرگەن. شۇ چاغلاردا مەزكۇر ئېنىستىتۇتقا مىسىردىن بەھىييۇددىن زەيبانى، شەيخ ئابدۇللەتىپ ھامىد … قاتارلىق ئىلغار ئىدىيە ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق پروفېسسورلار تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم پۇرسەتنى ئىنتايىن چىڭ تۇتۇپ، مەزكۇر پروفىسسورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە تەفسىر، ھەدىس، فىقھى، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەنگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئورگانغا تەۋە بولۇپ تۇرۇپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرمىسا تەتقىقاتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلى​قىنى نەزەردە تۇتۇپ، “جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى «شىنجاڭ» شۆبىسى”نىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشقان. شۇنداقلا شۇ يەردىكى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بار كۈچى بىلەن ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ دىنىي تەتقىقات ساھەسىگە كىرىشىپ كەتكەن ۋە مۇقەددەس دەستۇرىمىز بولغان “قۇرئان كەرىم”نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چۈشىنىشلىك ۋە راۋان تەرجىمە قىلىپ چىققان. “قۇرئان كەرىم” تەرجىمىسى پۈتكەندىن كېيىن ئەينى دەۋردىكى ئاتاقلىق ئۆلىمالاردىن ئابدۇلھەكىم مەخدۇمھاجىم قاتارلىق 15 نەپەر مۆتىۋەر ئالىملار باشتىن – ئاخىرى كۆرۈپ چىققان ۋە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. مەزكۇر تەرجىمە نۇسخا 1986-يىلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدىن 200 مىڭ تىراژدا بېسىپ تارقىتىلغان. شۇنداقلا سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن “فەھدى قۇرئان بېسىش مەتبەئەسى”دە بىر قانچە يۈز مىڭ پارچە بېسىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھەقسىز تارقىتىلغان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ ساندا ئېلىپ كېرىلگەن ۋە قىسمەنلىرى تارقىتىلغان.

ئۇستازنىڭ “قۇرئان كەرىم”نىڭ تەرجىمىسىدىن باشقا يەنە “سەھىھۇلبۇخارىنى​ڭ شەرھىسى” “مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى​ڭ تەرجىمىھالى” قاتارلىق مۆتىۋەر كىتابلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.
مەرھۇم ئۇستاز “قۇرئان كەرىم” تەرجىمىسى، “قۇرئان كەرىم”نىڭ 29-30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى، “ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا ھەجىملىك لۇغەت”، “قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردىن تاللانما”، “ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ قامۇس”، “دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار”… قاتارلىق ئەسەرلەرنى تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا “نۇر ۋە قەلەم” ، “سەھىھۇلبۇخارىنى​ڭ تولۇق تەرجىمىسى”، “ئىھيائۇل ئۇلۇمۇددىن”، “ئۇيغۇرچە ئەرەبچە قامۇس”… قاتارلىق كىتابلارنى نەشىرگە تەييارلىغان بولسىمۇ، ۋەتىنىمىزدىكى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان دىنىي تەقىبلەر ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان.

2013-يىللىرى ئۆپچۈرىسىدە ئۇستازىمىز ئۆزىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ، شۇنداقلا باشقا يەنە بىر تۈركۈم مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەرەبچە شېئىرلىرىنى بىر دىۋان قىلىپ توپلاپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىدىك​ى ئىجتىھادلىق بىر قېرىندىشىمىزنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مىسىردىكى “دارۇلبەسائىر نەشرىياتى” تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇستاز ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي كۈندۈزنى كېچكىگە ئۇلاپ تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىلمىي پائالىيەتلىرى بەزىدە 15 سائەتتىن ئارتۇق بولاتتى. تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاددىي-ساددا، مۇئامىلىدە كىچىك پىئىل ئىدى.

ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 2018-يىلى 1-25-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە شېھىت قىلىندى. ئاللاھ مەرھۇمغا جەننەتتىن ئالىي ماقام ئاتا قىلغاي.

2020-10-06

مەنبە: turkistantimes

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
    2020-09-25
  • سابىت داموللام
    2020-09-17
  • ئەلى ئىززېتبېگوۋىچ
    2020-10-05
  • ئالتاي بۈركىتى «ئوسمان باتۇر»
    2020-09-17
  • ئەھمەد يۈكنەكى
    2025-07-04
  • ئابدۇقادىر داموللام
    2020-09-17
ئاتۇششەقەشقەرمۇھەممەد سالىھ داموللا
Share 0 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
تۈركىيە S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى كېلەر ھەپتە سىناق قىلىدۇ
كېيىنكى يازما
ناتو بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتدىغان ئامىللار

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بائۇرچۇق ئارت تېكىن

ئەھمەد يۈكنەكى

مەھمۇد قەشقەرى

ئىقتىدارلىق ھەربىي قۇماندان سۇلايمان ئارىسلانخان

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

ئەلى ئىززېتبېگوۋىچ

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

مەھمۇد قەشقەرى

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

ئابدۇقادىر داموللام

ئالتاي بۈركىتى «ئوسمان باتۇر»

سابىت داموللام