ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 19 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈن ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىدى.
2001-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلانغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئامېرىكا ئافغانىستاندا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى.
ئىشغالىيەت يولى
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى نەتىجىسىدە ئىچكى ئۇرۇش مەيدانىدىن ئۈزۈپ چىققان تالىبانلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۆلەتنى دېگۈدەك كونترول قىلدى.
تالىباننىڭ بۇ دۆلەتتە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قوللىنىشى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئىتتىپاقى «تېررورچى» دەپ قارىغان «بازا تەشكىلاتى» رەھبەرلىرىنى قۇينىغا ئېلىشى غەرب بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلدى.
نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە رەھبەرلەر ئامېرىكىنىڭ 2001-يىلى 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن ئىلگىرىلا بۇ يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتتىكى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ» دەپ قارىدى.
تالىبان ھۆكۈمىتى دۇنيا كۈن تەرتىپىدە بولغان بىر مۇھىتتا، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەردى.
ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا مەركىزى ، ئاقساراي ۋە بەشبۇرجەكلىك بىنا قاتارلىق ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىر ۋاقىتتا ھۇجمغا ئۇچۇرىشى، دۇنيادا يېڭى توقۇنۇش مۇھىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
«تۈگىمەس ئەركىنلىك ھەرىكىتى»
ھۇجۇمدىن كېيىن ئېنىقلانغان ئادرېس: ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ھىمايىسىدىكى بازا تەشكىلاتى رەھبەرلىرى.
9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن كېيىن ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلىشى ۋە ئۇنىڭ سۆزى ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىشتىكى تەلىماتقا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ شۇئارى «سەن يا بىزدىن ، ياكى تېرورچىلاردىن».
«ئەھلى سەلىپلەر» ئۇرۇشىغا ئۇخشىتىلىشى
بۇش يەنە بىر باياناتىدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى «ئەھلى سەلىپ» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئىلگىرى ئافغانىستانغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئامېرىكا 2001-يىلى 7-ئۆكتەبىر بۇ دۆلەتكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەت ھەرىكىتى «تۈگىمەس ئەركىنلىك ھەرىكىتى» دەپ ئاتالدى.
بۇنىڭدىكى مەقسەت ھاۋادىكى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەتتىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش ، شىمالىي ئىتتىپاقنىڭ قوللىشى بىلەن تالىبان كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى قۇرۇقلۇق بىلەن ئىگىلەش ، بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبان لاگېرلىرىنى پۈتۈنلەي تارقىتىۋېتىش ، بازا تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنى ئۆلۈك ياكى تىرىك تۇتۇش.
تالىبانلارنىڭ قايتىپ كېلىشى
كۆپ يىللاردىن بۇيان ، بۇ نىشانلارنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق ئەمەلگە ئاشمىدى.
تالىبانلار پايتەخت كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنى كونترول قىلىشنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۈچلەر بىلەن ئالدىنقى سەپ ئۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇردى. پايتەخت كابۇل 13-نويابىر ئامېرىكا قوللىغان قىسىملار تەرىپىدىن كونترول قىلىندى.
تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتى شەرق ۋە جەنۇبقا چېكىنىپ ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۈچلەرگە قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قايتا تەشكىللىدى. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى قايتىدىن كونترول قىلدى.
19 يىلدىن كېيىن ، ئامېرىكا ئاممىسى چېكىنىشنى مۇزاكىرە قىلىپ ، ئافغانىستاندا ھېچقانداق پايدا ئالالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى توغرىسىدىكى كېلىشىم 2020-يىلى 29-فېۋرال ئىمزالاندى. ئامېرىكىنىڭ 2021-يىلى مايدا پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىدىن ئۈمىد بار.
زىيانلار
پۇقرالار ئامېرىكا ئىشغالىيىتىدىكى ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىدى.
ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىدا ئونمىڭلىغان پۇقرا قازا قىلدى. مىڭلىغان كىشى گۇناھسىز تۈرمىگە تاشلاندى ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىندى. ئۇل ئەسلىھە ، مائارىپ ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەر دۆلەتتە 19 يىل ئۇرۇشنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن چوڭ كرىزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تالىبان دەۋرىدە چەكلەنگەن زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىشغالىيەتتىن كېيىن رېكورتنى بۇزدى.
ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي زىيىنى ئېغىر بولدى. ماددى زىياننىڭ 1 تىرىليون دوللارغا يەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 19 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 2451 ئامېرىكا ئەسكىرى ، 455 ئەنگىلىيە ئەسكىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن 689 ئەسكەر ئۆلدى.
ئافغانىستان ئۇرۇشى يېقىنقى تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ كەسكىن ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
2020-10-07
مەنبە: Mepa News