902
بۇ ۋاكسىنىنى ئىلگىرى ھېجىتەپە، كوجائېلى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا سىناق قىلىش باشلانغان. ئەنقەرە شەھەرلىك دوختۇرخانامۇ بۇ سىناقلار ئېلىپ بېرىلغان مەركەزلەرگە قوشۇلدى.
ۋاكسىنا بۇ مەركەزدىكى پىدائىيلاردا سىناق قىلىنغان.
دوختۇرخانىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى باش دوختۇر Opr. Dr. ئەزىز ئەھمەت سۇرېل ۋاكسىنا سىنىقىغا پىدائىي بولغانلارنىڭ ئىچىدە.
دوختۇرخانا مەسئۇللىرى بۇ ۋاكسىنىنىڭ خىتايدا 100 مىڭ ، بىرازىلىيەدە 7 مىڭ ، ھىندونېزىيەدە 1 مىڭ 500 قېتىم سىناق قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋاكسىنا سىنىقى تۈركىيەنىڭ 25 ئوخشىمىغان مەركىزىدە 13 مىڭ ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىپ سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ، ۋاكسىنا 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئىشلىتىشكە تەييارلىنىدىكەن.
2020-10-07
مەنبە: Mepa News