Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىيائىسلام ئىمارىتى ترامپنىڭ «ئافغانىستاندىن چېكىنىش» باياناتىدىن مەمنۇن

ئىسلام ئىمارىتى ترامپنىڭ «ئافغانىستاندىن چېكىنىش» باياناتىدىن مەمنۇن

by تەكلىماكان

ترامپنىڭ باياناتى بۇ ئىسلام ئىمارىتىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد تەرىپىدىن تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى يولغا قويۇشتىكى «ئىنتايىن ئىجابىي قەدەم» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

ئامېرىكا ئىسلام ئىمارەت بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن ،2021-يىلى مايغىچە ئافغانىستاندىن بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن.

مۆلچەرلىنىشىچە ، ئەگەر تىرامپ نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا قايتا سايلانسا، ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسى تېزلىشىدىكەن.

ترامپنىڭ باياناتى

https://twitter.com/realDonaldTrump/status/1313984510749544450?ref_src=twsrc%5Etfw%7Ctwcamp%5Etweetembed%7Ctwterm%5E1313984510749544450%7Ctwgr%5Eshare_3&ref_url=https%3A%2F%2Fwww.mepanews.com%2Ftrump-afganistandaki-askerlerimiz-noele-kadar-evlerinde-olmali-40248h.htm

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ترامپ تىۋىتتېردىكى باياناتىدا، روژدېستۋو بايرىمىغىچە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كابۇل ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى

ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن ، كابۇل ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، كابۇل ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىسمى ئابدۇللا ئابدۇللا ھىندىستانغا باردى. ئابدۇللا ھىندىستاندا دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشتى.

ئابدۇللانىڭ يەنە ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئابدۇللا پاكىستاندا باش مىنىستىر ئىمران خان ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى ۋە باش ئىشتاب باشلىقى كامېر جاۋىد باكۋا بىلەن كۆرۈشتى.

كابۇل ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىكلىرىدىن بىرى بولغان سەركەردە ئابدۇرېشىد دوستۇم ھىندىستانغا بېرىپ يېقىندا ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشتى.

2020-10-08

مەنبە: Mepa News

Related Articles

Leave a Comment