ئەنگىلىيەدە ، پارلامېنت تەكشۈرۈش كومېتىتى خىتايدىكى خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا «مەخپىي ھەمكارلىقنىڭ ئېنىق ئىسپاتى بار» دەپ يەكۈن چىقاردى.
ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن خۇاۋېينىڭ 5G ئۇل ئەسلىھەلىرىنى چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 7-ئايدا خۇاۋېينى 2027-يىلغىچە 5G ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خۇاۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات راست ئىشلارنىڭ ئورنىغا ئىدىيەنى ئاساس قىلغان، شۇڭا ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ».
قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ دوكلات بەلكىم 5G تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ساتماقچى بولغان شىركەتكە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
خۇاۋېينىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «بىز كىشىلەرنىڭ «مەخپى ھەمكارلىق» بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇاۋېينىڭ يېقىنقى 20 يىلدا ئەنگىلىيە ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتدىغانلىقغا ئىشىنىمىز».
«كومۇنىست پارتىيىنىڭ ئۇلىنىشى»
ئاۋام پالاتاسى تەشۋىقات كومىتېتى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاكادېمىكلار ، تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېلېگراف كەسپىدە ئىشلەيدىغانلار ۋە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلىدى. بۇ كىشىلەر ئىچىدە خۇاۋېينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ، شۇنداقلا شىركەتنى تەنقىد قىلغان كىشىلەر بار.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېقىنقى 3 يىلدا خۇاۋېينىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن 75 مىليارد دوللار ياردەم قىلغان » ۋە بۇ ئەھۋال شىركەتنىڭ تېخنىكىسىنى «كۈلكىلىك دەرىجىدە ئازغىنە پۇلغا سېتىشىغا» شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا يەنە خىتايدىكى شىركەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسى بولغان بىر تەتقىقاتچىنىڭ خۇاۋېينىڭ «ئاخبارات ، بىخەتەرلىك ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمۇ بار.
بۇ كومىتېت «خۇاۋېينىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىق ، ھەتتا باشقىچە تەلەپ قىلسىمۇ» دەپ خۇلاسە چىقاردى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ پاي چېكى ئەندىزىسى ۋە ئېرىشكەن تولۇقلىما بىلەن ئىسپاتلاندى».
دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ خۇاۋېينى ئەنگىلىيەنىڭ 5G ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «ئوچۇق ۋە يېپىق تەھدىد» كە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.
بۇ كومىتېت يەنە ، ھۆكۈمەتنىڭ خۇاۋېي 5G ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئەگەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلاشسا ياكى ئامېرىكا ياكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىسا ، ھۆكۈمەت 2027-يىلىنىڭ ئورنىغا 2025- يىلى ئەنگلىيەدىن چىقىرىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلدى.
2020-10-08
مەنبە: BBC Türkçe