934
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئىككى ھەپتىگە يېقىن توقۇنۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۈستەلدە كۆرۈشتى. روسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يىغىن موسكۋادا باشلاندى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيخۇن بايراموف ئەرمېنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوگراب مناتساكانيان باشلىق بولۇپ قاتناشقان. يىغىنغا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ ، ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى.
ناگورنو-قاراباغ ئالدىنقى سېپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالى
2020-10-09
مەنبە: TRT Haber