ئامېرىكىدىكى بىر مۇتەخەسسىسنىڭ باھاسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرى.
ئەگەر دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تانكا قايسى دەپ سورالسا،كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۆزئالدىغا جاۋابى بار. غەرب ئەللىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يىلپىز2 ۋە M1A2 قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق تانكىلىرى ھەم ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. روسيەنىڭ T-72 ۋە ئىلغارلاشتۇرۇلغان شەكىلنى بولسا كۆپىنچە كىشىلەر تىلغا ئالمايدۇ. لكىن ئادەمنى ئەجەپلەندۈرگىنى بولسا بۇ قىتىمقى ئامىركا مۇتەخەسسىسنىڭ ئەڭ ئىلغار تانكىنى باھالىغىنى ھەقىقەتەن غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەكسچە ئۆزلۈكسىز باشقىلار كۆزگە ئىلمايۋاتقان T-90!!
روسيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 11 ئاينىڭ 22 كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئامىركا دۆلەت مەنپەئەتى تور بىتىدە مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئامىركا مۇتەخەسسىسنىڭ ديشچە T-90 بولسا ھەقىيقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تانكا ئىكەن. بۇلارنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي بۇلۇپ، چۈنكى بۇ تانكىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى ،دىگىدەك دۇنيادىكى ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئگە. تانكا T-90 بولسا 1992 يىلى ياسالغان بولۇپ، تاھازىرغا قەدەر 2000 تالدىن كۆپ ئىشلەپ چىقىرىلغان ( كۆپىنچىسى ھىندىستاندا ). روسيەنىڭ تانكىسى بىلەن ئامىركا، گىرمان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تانكىلىرنى سىلىشتۇرغاندىن كيىن، ئامىركا مۇتەخەسسىسلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇلاسىنى چىقارغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تانكىلىرنىڭ ھەممىسىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى بولسا تانكا T-90 گە يەتمەيدۇ دىگەن.
ئۇنداقتا، تىخنىكا سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرمايدىغان T-90 قانداقسىگە مۇشۇنداق ئاددىي سەۋەبلەر بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن ئەڭ ئىلغار دەپ قارىلىدۇ؟
تانكا T-90 روسيە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 3-ئەۋلات ئاساسلىق جەڭ تانكىسى. تانكا T-90 نىڭ سىرتقى شەكلى T-72 نىڭ ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ياسالغان. تانكا T-72 بولسا 1990 يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن، روسيە قوراللىرىنىڭ تىخمۇ ياخشى سىتلىىشى ئۈچۈن، تانكا T-72 نى بىرلا ئۆزگەرتىپ T-90 دەپ ئاتغان. ئەلۋەتتە ئقتىدارنىمۇ ئاز بولمىغان ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگەن.
كۆپىنچە كىشىلەر بولسا تانكا T-90 نىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىندۇ. لكىن بۇ گۇمانلار بولسا ئاساسلىقى تانكا T-72 نىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىراق ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى يىتەرسىزلىكنى كۆزدە تۇتقان. بىلىش كىرەككى، ئەينى ۋاقىتتا روسيە ئىراققا چىقارغان T-72 بولسا ئادەتتىكى نۇسخىسى بولۇپ، تىخنىكا سەۋىيەسى بولسا ئىكىسپورت قىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى.
ئۇندىن باشقا ئىراقنىڭ بىرونىۋىكلاشقان قىسمى بولسا تولۇق ھالەتتە ئامىركىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلىق ئارمىيە قىسمى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ئاساستا ئەسلىدىنلا غەلىبە قىلىش نىسپىتى يوق دىيەرلىك ئىدى. شۇڭلاشقا T-72 نىڭ بۇ يىتەرسىزلىكنى T-90 نىڭ يىتەرسىزلىكنىڭ ئىسپاتى قىلىشقا بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ M1A2 تانكىسىمۇ ئوخشاشلا ئىراق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالار ئارقىلىق ۋەيران قىلىنغان ئەمەسمىدى! ؟
سۈريە ئۇرۇشىدا جەڭگە قاتناشقان T-90 نىڭ بولسا بەششار ھۆكىمىتگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولدى. ئىنتىرنىتتا T-90 نىڭ تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغاندىن كيىن تانكا خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا قۇتۇلۇپ قالغانلىقى تارقالغان بولۇپ، مانا بۇ بولسا T-90 نىڭ كىشىلەر ئويلىغىندىكەن ئۇنداق ئاجىز ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى. T-90 دەھشەتلىك سۈريە ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرغان بولۇپ قىلىن پولات بىرونە ۋە ئاكتىپ قوغدىنىش سىستېمىسى تانكىنىڭ سىرتتىن ئوت كۈچىگە ئۇچۇرشىنى قوغدايدۇ.
2015 يىلىدىن باشلاپ سۈرىيەدىكى تاللانغان 4-ماشىنلاشقان قىسىم روسيەنىڭ قولدىن 22 دانە ئەڭ يىڭى T-90 جەڭ تانكىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ ماشىنلاشقان قىسىم ئىلگىرى روس تەرىپىدىن ياسالغان T-55,T-62 ۋە T-72 قاتارلىق تانكىلارنى سەپلىگەن بولۇپ لىكن بۇ تانكىلار جەڭ جەرياندا ئاستا -ئاستا تۈگىگەن.بۇ ئۈچ يىلدىكى جەڭ جەرياندا بۇ T-90 تىپلىق جەڭ تانكىسدىن پەقەت ئىككىسىلا قولدىن كەتكەن. (بىرسى بولسا تانكا خادىملىرى تانكىنى تاشلاپ قاچقاندىن كيىن ئوت ئۆچۈرۈش تەدبىرى قوللانمىغانلىق سەۋەبىدىن كۆيۈپ كەتكەن. يەنە بىرسى بولسا مۇجاھىدلار نىڭ قولغا غەنمەت چۈشكەن بولۇپ كىيىن بەششار ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۇرىۋىتىلگەن ). ئىراققا سىلىشتۇرغاندا، سۈرىيە ۋە يەمەندىكى جەڭ مەيدانلىرىدا گىرماننىڭ يىلپىز2 ۋە ئامىركىنىڭ M1 تانكىلىرى ھەم ناھايىتى ياخشى رولنى جارى قىلدۇرغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ، قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە روسيە ئالدى كەينى بولۇپ 1400 دانىدىن كۆپ زاكالەت تاپشۇرۋالغان. ھازىر بولسا روسيە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن تاپشۇرۋالغان T-90 نىڭ زاكالەت پۇل سوممسى 7 مىليارد دوللاردىن ئىشىپ كەتكەن . ھەتتا ۋىتنام ۋە ھىندىستانمۇ سىتۋىلىشنى ئويلىغان. تىخمۇ ئىشەنچلىك خەۋەرلەردىن قارىغاندا مىسىر بىراقلا 500 دانە سىتىۋىلىشنى قارار قىلغان. ئەگەر بۇ خەۋەرلەر يالغان بولغان تەقدىردىمۇ، T-90 نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوبرازىغا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
9-ئاينىڭ 3-كۈندىكى تىلۋىزىيە نۇمۇردا كورسىتىشچە، روسيەدىكى بىر ماشىنسازلىق شىركىتى 3 خىل تىپتىكى T-90 تانكىنى ياساشنى باشلىغان، ئۇلار بولسا ۋىتنام، ئىراق ۋە روسيە . رەسىمدىكى روسچە ھەرپ B نىڭ ۋەكىللىك قىلدىغنى ۋىتنام(Вьетнам) ،ھەرىپ И ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ئىراق (Ирак) ،ھەرپP ۋەكىللىك قىلىدىغىنى روسيە (Россия)نىڭ T-90M ماركىلىق تانكىسى.
2020-10-11
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى