ئىسرائىلىيە ئاخبارات مىنىستىرى ئېلى كوخېن رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارنىڭ نامەلۇم مەنبەلەرگە ئاساسەن قاتارنىڭ F-35 نى سېتىۋېلىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، قاتار نىڭ F-35 سېتىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشچە ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارالغان بۇ تەلەپ ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى لوكخىد مارتىن شىركىتىگە يەتكۈزۈلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇداپىئە ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلەرنى پارلامېنتنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلمىغۇچە بۇ سوئاللارنى جاۋابسىز قالدۇردىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى قاتارغا جايلاشقان بولۇپ ، بۇ يەردە 8000 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە پۇقرا ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتار بىلەن سىياسىي جىددىيلىكنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ئاۋغۇستتا ئامېرىكىدىن F-35 نى سېتىۋېلىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان.
2020-10-11
مەنبە: Euronews / mepanews