Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىيائىسلام ئىمارىتى پايتەخت كابۇلدا تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتتى

ئىسلام ئىمارىتى پايتەخت كابۇلدا تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتتى

by تەكلىماكان

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئىسلام ئىمارىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بىر گۇرۇپپىنىڭ تەشىۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتقان سىن كۆرۈنىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى.

يەرلىك خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، بىر تۈركۈم تالىبانلار پايتەخت كابۇل كوچىلىرىدىكى ماشىنىنىڭ ئىچىدىن ئاممىغا تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتقان.

ئامېرىكا قوللىغان ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى پايتەخت كابۇلدا يۈز بەرگەن قاقتى-سوقتى قىلىش ۋەقەسى ۋە قاتىللىق ۋەقەسىدىن كېيىن ئىسلام ئىمارىتى كابۇلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى بىلىنمەكتە.

ئىگىلىنىشچە ، يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئوغرىلىق ، قاتىللىق قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ نىسبىتى ئاشقان.

2020-10-12

مەنبە: Mepa News

Related Articles

Leave a Comment