ئىمام ئەلى راخمان تاجىكىستاننىڭ پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلاندى

تاجىكىستاننى 28 يىل باشقۇرغان ئىمام ئەلى راخمان 5-قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

تۈنۈگۈن دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا ، ئىمام ئەلى راخمان % 90.92 بېلەتكە ئېرىشىپ ، 5-قېتىم پرېزىدېنت بولدى.

تاجىكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى رەئىسى باھتىيار خۇدايارزادەنىڭ باياناتىدا 4 مىليون 221 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقى ، ئومۇمىي بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ% 85.39 ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خۇدايارزادەنىڭ باياناتىدا ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمان  % 90.92 بېلەتكە ، دۆلەتتىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان رۇستەم لاتىفزادە% 3.03 بېلەتكە ئېرىشتى ، ئىقتىسادىي ئىسلاھات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى رۇستەم رەخمەتزادە % 2.15 بېلەت ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇھەلىم گاففارزادە% 1.49 ، كومپارتىيىنىڭ رەھبىرى مىراج ئابدۇللويېف% 1.17 بېلەتكە ئېرىشتى.

ئىمام ئەلى راخمان تاجىكىستاننى 28 يىل باشقۇرۇپ ، 1994 ، 1999 ، 2006 ۋە 2013-يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغان بىردىنبىر ئىسىم.

2020-10-12

مەنبە: Mepa News / TRTHABAR / AA

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top