1.1K
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورونباي جېينبېكوف خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
جېينبېكوف بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھاكىمىيەتنى چىڭ تۇتمايمەن، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە ئوق چىقارغان پرېزىدېنت بولۇپ قىرغىزىستان تارىخىغا يېزىلىشنى خالىمايمەن ، شۇڭلاشقا مەن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلدىم».
سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن قىرغىزىستاندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش نەتىجىسىدە ، مەركىزى سايلام كومىتېتى سايلام نەتىجىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
نامايىش جەريانىدا ، سابىق پرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋمۇ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدىن چىقىرىلغان بولسىمۇ كېيىن يەنە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
2020-10-15
مەنبە: Mepa News / TRTHABAR / AA