ناگورنو-قاراباغ رايونىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيەدىن يېڭى ئۇرۇش توختىتىش باياناتى ئىلان قىلدى.
10-ئۆكتەبىر روسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن موسكۋادا كۆرۈشكەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەرمېنىيە تەرەپ ئەزەربەيجاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى گەنجەدىكى پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھۇجۇم ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن ناگورنو-قاراباغ رايونىدىكى توقۇنۇش قايتىدىن باشلاندى.
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە 10-ئۆكتەبىر موسكۋا تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش تۇختىتشنىڭ 18-ئۆكتەبىر سائەت 00: 00 دىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى»
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلۇپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مىنىستىرلىق ئېلان قىلغان باياناتتا ، «ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يەنە بىر قېتىم ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن ئىپادىنى قوللاندى.
2020-10-18
مەنبە: Mepa News