قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن سپۇتنىكقا بەرگەن باياناتىدا ، بىر مەزگىل ۋاكالەتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سادىر جاپاروفنىڭ بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئۇزىنىڭ قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف «قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىش »پەرمانىغا ئىمزا قويدى.
بۇ ۋەزىپىسىنى باشلىغان جاپاروف ئىمزالىغان پەرماننىڭ بىر قىسمى بولسا «ئۇ قانۇن ئىجرا قىلىش، سوت ۋە يەرلىك ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا ھاۋالە قىلىنغان ئورگانلارنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بۇيرۇدى».
ئۇ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا چىرىكلىك ۋە جىنايەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش ، مىنىستىرلار كېڭىشى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ، شەخسىي كاپىتال ۋە مال-مۈلۈكنى قوغداش ۋە خىتاي ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش بۇيرىدى.
قىرغىزىستاندا نامايىش 4-ئۆكتەبىر پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. قىرغىزىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى 6-ئۆكتەبىردىكى سايلام نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پرېزىدېنت سېئېنبېكوف بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن 9-ۋە 12-ئۆكتەبىر جىددىي ھالەتنى بايان قىلىشنى قارار قىلغان.
پرېزىدېنت سېئېنبېكوف 15-ئۆكتەبىر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن سابىق مۇئاۋىن سادىر جاپاروف پارلامېنت تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ، خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
2020-10-21
مەنبە: سپۇتنىك