ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ فوكىسكون ، ۋىسترون ۋە پېگاترون قاتارلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ دۆلىتىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشىنى تەستىقلىدى .
ھىندىستان بىلەن تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلاشقانلىقىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا كېلىشىمى رەسمىي باشلىدى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، تەيۋەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھىندىستان بىلەن سودا سۆھبىتىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، باش مىنىستىر نارېندرا مودى ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپلەردە ئىلگىرىلەشنى خالىمىغان، چۈنكى بۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشنى خالىمىغان. يېقىنكى كۈنلەردە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ھىندىستان تەيۋەن بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى باشلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2020-10-21
مەنبە: ALJAZEERA