خىمىيلىك قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش قىسىمى يەنە بىر ئىسمى خىمىيۋى قوراللار قىسىمى بولۇپ، جەڭ ئىشلىرىدا خىمىيۋىلىك قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش پەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەخسۇس تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىسىم خىمىيۋى قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش گۇرۇپپىسى، ئوت چاچار گۇرۇپپىسى ۋە ئىس قويۇپ بەرگۈچە گۇرۇپپا قاتارلىق تارماق گۇرۇپپىلاردىن تەركىپ تاپقان. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەر قايسى ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىشى سەۋەبلىك بۇ قىسىم قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى قوشۇننىڭ يادرو قوراللىرىدىن، بىئولوگىيىلىك قوراللاردىن ۋە خىمىيىلىك قوراللاردىن كوللىكتىپ ھالەتتە مۇداپىيەلىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش، يادرو سىناقلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىش، خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە دېزىنفىكسىيەلەش ، رادىئاكسىيە ئەخلەتلىرىنى تازلاش، جەڭلەردە ئىس قويۇپ بېرىش ئارقىلىق يوشۇرنۇش پەردىسى شەكىللەندۈرۈش، ئوت چاچار گۇرۇپپىسى بولسا جەڭلەردە بىۋاستە پىيادە قىسىم بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەركەت ئېلىپ بارىدۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىمىيىلىك قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش قىسىمى خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىش ۋەزىپىسىنى ھەم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
ئاساسلىق ئەسلىھەلىرى :
كۈزۈتۈش ئەسۋابلىرى(يادرو سىنىقىنى كۈزۈتۈش ئۈچۈن) ، رازۋىتكا سايمانلىرى ( زەھەرلەرنى ئېنىقلاش، ئاگاھلاندۇرغۇچ، ئاكتىنوگىراف، خىمىيىلىك قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش ماشىنىلىرى قاتارلىقلار)
دېزىنفىكسىيەلەش ئۈسكىنىلىرى، ئوت چاچار قوراللار ۋە ئىس قويغۇچى قوراللار.
2020-10-22
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى