1. تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى پەرقلەر
مەيلى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بولمىسۇن ياكى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمى بولمىسۇن، پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرى(ياكى سىنىپى، ئېنگلىزچىدە Squad دەپ ئاتىلىدۇ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا مەن گۇرۇپپا دەپ كەلتۈرگەن بولسام ئەنە شۇ Squadنى، كىچىك ئەترەت دەپ كەلتۈرگەن بولسام، ئېنگىلىزچىدىكى Teamنى كۆزدە تۇرىدۇ) ئۆزىدە نۇرغۇنلىغان ئېلمېنتلارنى مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا بىرىكىپ چوڭ بىر قوشۇننى ھاسىل قىلسا، ھەر بىرسىنىڭ تەركىبىدە ھەم ھۇجۇمچىلاردىن تەركىپ تاپقان كىچىك ئەترەتلەر(ئادەتتە تۆت ئادەم بىر كىچىك ئەترەت) بولىدۇ، ھەمدە مىلتىق(Rifle) ياكى ئاپتومات كۆتۈرگەن جەڭچىلەر بۇ خىلدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرىدا سىمسىز ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسىنى كونتىرول قىلغۇچى ۋە دوختۇر بولىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىدا بولسا پەقەت بىر نەپەر سىمسىز ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى كونتىرول قىلغۇچى بولىدۇ.
دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمى پىيادە قىسىم گۇرۇپپىسى ئاپتوماتچىلاردىن(ھۇجۇمچىلار) تەشكىل قىلىنغان ئۈچ كىچىك ئەترەتتىن تەركىپ تاپىدۇ، پىيادە قىسىم گۇرۇپپىسىغا بىر نەپەر سېرژانت دەرىجىلىك كىشى مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەر بىر كىچىك ئەترەتكە بولسا بىردىن مىلادشىي سېرژانت مەسئۇل بولىدۇ، ھەر بىر كىچىك ئەترەتتە بىر نەپەر پېلىموتچى ۋە ئەترەت مەسئۇلى بىلەن قوشۇپ ئۈچ نەپەر ئاپتوماتچى بار بولىدۇ، ئۇلار ئۈچىنىڭ ئېم 16 تىپلىق پېلىموتىغا ئېم 163 تىپلىق ئوق بومبا ئاتقۇچ سەپلىنىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن پېلىموت ياردەمچىسى بولىدۇ.
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى پىيادە قىسىم گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى بىر ئاز كىچىك بولۇپ، ئادەتتە گۇرۇپپا بىر نەپەر سېرجانت ياكى ساقچى باشلىقى دەرىجىلىك ئەسكەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، گۇرۇپپا ئىككى دانە تۆت كىشىلىك ھۇجۇمچى كىچىك ئەترەتتىن تەشكىل قىلىنىدۇ. ھەر بىر كىچىك ئەترەت بىر نەپەر ئەترەت باشلىقى، بىر نەپەر پېلىموتچى، بىر نەپەر گىراناتچى ۋە بىر نەپەر ئاپتوماتچىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى ھۇجۇمچى كىچىك ئەترەتتە مەخسۇس گىراناتچى تەئسىس قىلىنىپ، پېلىموت ياردەمچىسىنىڭ ئورىنىغا ئالماشتۇرۇلغان. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ھەربىر كىچىك ئەترەتتىكى ئاپتۇماتچى ئەمىلىيەتتە مەخسۇس قارغا ئېتىش مەشىقلىرىنى تاماملاپ سەۋىيە ئاشۇرغان، شۇ كىچىك ئەترەتكە نىسبەتەن مەرگەنلىك رولىنى ئوينايدىغان جەڭچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يىراق مۇساپىلەردىن ھەم نىشانغا ياخشى زەربە بېرەلەيدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ يەنە بىر زاپاس كىچىك ئەترىتى بولۇپ، بۇ ئەترەتكە مەخسۇس M240B تىپلىق پېلىموت ۋە Javelin تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسى سەپلەپ بېرىلگەن.
دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمى ياكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى بولمىسۇن، قوشۇن ياكى گازارما دەرىجىلىك قومانداننىڭ يىتەكچىلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ، ئەمىلىي جەڭنىڭ ئەھۋالاتىغا قارىتا ئۇ گۇرۇپپىلارغا گىراناتامىيوت(تانكىغا قارشى راكىتا) ۋە مىنامىيوت سەپلەپ بېرىلىدۇ.
ھازىرمۇ ھەم ئېم 203 تىپلىق ئوق بومبا ئاتقۇچنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئېم 320 تىپلىق ئوق بومبا ئاتقۇچنى ئايرىم قورال سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى ھەم بولىدىغان بولۇپ، ئېم 16 ۋە ئېم 4 نىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
2. قوراللىرىدىكى پەرىقلەر
قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىدىن بۇرۇن يېڭى تىپتىكى قوراللارغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن ئېم 4 كاربىن قورالىغا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىدىن بۇرۇن ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن سىرت قوراللارنىڭ ئوپتىكىلىق قارغا ئالغۇچ، لازىر نۇر، تۇتقۇچ قاتارلىق قوشۇمچە سەپلىمىلىرىگە ھەم قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بۇرۇنراق ئېرىشىدۇ.
قۇرۇقلۇق ئارمىيە گۇرۇپپىلىرى جەڭ ئىچىدە راكىتا ياكى باشقۇرىلىدىغان بومبا ئاتماقچى بولسا SMAW,AT-4 ۋە Javelins قاتارلىق قوراللارنى قوللىنىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىغا نىسبەتەن راكىت ئېتىش ئۈچۈن كۆپراق قوللىنىدىغىنى SMAW بولۇپ، ئەگەر باشقا قوراللارغا ئېھتىياجى چۈشسە گازارمىنىڭ ئوق دورا ئىسكىلاتىدىن Javelin ۋە TOW قاتارلىق قوراللارنى يۆتكەپ ئېلىپ كېلىپ ئىشلىتىدۇ.
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھازىر تېز بىر رەۋىشتە ئېم 320 تىپلىق ئوق بومبا ئاتقۇچنى ئۆزىگە ئاساسىي ئوق بومبا ئاتقۇچ قىلىپ سەپلەشكە باشلىدى، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمى بولسا ھازىرمۇ ھەم ئېم 203 تىپلىق ئوق بومبا ئاتقۇچنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بولسا بىرگادا دەرىجىلىك قىسىمدا مەخسۇس توپ قورال قىسىمى ئوت كۈچى ياردىمى ئۈچۈن ھازىرلانغان بولۇپ، لېكىن يېقىن مۇساپىلىك ھاۋا ھۇجىمى ۋە دېڭىزدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوت كۈچى ياردىمىنى ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن مەخسۇس ئالاقە لىنىيەسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ ھاۋادىن ئېرىشىدىغان ئوت كۈچى ياردىمى كۆپۈنچە ھالەتتە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە بىرگادىسى ياكى ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە كەمدىن كەم دېڭىز ئارمىيە ئوت كۈچى ياردىمىنى تەلەپ قىلىدۇ.
3. ئوت كۈچى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى پەرىقلەر
ئەلۋەتتە، پىيادە قىسىم گۇرۇپپىلىرى دېگەنلىكنىڭ ئۆزى جەڭ مەيدانىدا مۇستەقىل ھالەتتە ھەركەت ئېلىپ بارىدۇ دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇلار جەڭ مەيدانىدا قىيىن بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە باشقا قىسىمدىكىلەرنىڭ ئوت كۈچى ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشى قىسىمى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئىككىلىسى ئۆز گازارمىسى ياكى ئۆزىدىن ئۈستۈنراق بىر تەشكىلى قۇرۇلما ئارقىلىق مىنامىيوت، ئېغىر تىپلىق پېلىموت ۋە باشقۇرىلىدىغان سىنارەت، راكىتا قاتارلىقلارنىڭ ئوت كۈچى ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن زەمبىرەك ۋە توپ قورال ياردىمى، يېقىن مۇساپىلىك ھاۋا ھۇجۇمى قاتارلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئوت كۈچى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش يوللىرى قىسمەن پەرىقلەرگە ئىگە.
دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قىسىملىرىدا ھاۋادىن يەرگە چۈشۈپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان گۇرۇپپىلار بار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قىسىمىنىڭ ئىچىدە توپ قورال قىسىمى، ھاۋا ۋە دېڭىزدا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى بار بولىدۇ.
4. كەسىپتىكى پەرىقلەر
گەرچە بارلىق دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمى قوش ماكانلىق جەڭلەر ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيەلەنسە ھەم، جەڭچىلەر يەنىلا جەڭ قىلىدىغان رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئوخشىمىغان كەسىپلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ، مەسىلەن پاراشوتچى قىسىم، پارتىزانلىق ئەمىلىيەتلىرىنى قىلىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا، تاغلىق رايونلاردا مەخسۇس جەڭ قىلغۇچى قىسىم ۋە ماشىنىلاشتۇرۇلغان قىسىم دېگەندەك.
دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمى قورال خۇسۇسىيىتى ۋە جەڭ تاكتىكىسىغا قارىتا ھەم يۇقىرقىغا ئوخشىمىغان بەزى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىدىكى پىيادە قىسىم ئەسكەرلىرى ئاپتۇماتچى (0311)، پېلىموتچى (0331)، مىنامىيوتچى (0341)، زەربىدارچى (0351) ۋە تانكىغا قارشى باشقۇرىلىدىغان سىنارەتچى (0352) بولۇپ ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە بولسا ئەسكەرلەر پەقەت ئۆلچەملىك پىيادە ئەسكەر(11-B) ۋە ۋاستىلىك ئاتقۇچى پىيادە ئەسكەر (11-C) سۈپىتىدە ئارمىيەگە كىرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
5. سەۋىيە ئاشۇرۇش قاتلاملىرىدىكى پەرقى
دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىدى پىيادە قىسىم ئەسكەرلىرى نورمال پىيادە قىسىم ئەسكىرى ئۆلچىمىگە يىتىپ بولغىنىدىن كېيىن، ئەگەر ئۆزى ئۈمۈد قىلسا ۋە تىرىشسا سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ رازۋىتكىچى مەرگەن ياكى مەخسۇس رازۋىتچىك بولالايدۇ. رازۋىتكىچى مەرگەن پىيادە قىسىمنى يىراق مۇساپىلىك نەق ئېتىش خىزمىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ ۋە بەزى ئورۇنلاردا پىيادە قىسىم بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەركەت ئېلىپ بارىدۇ. دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمىدىكى مەخسۇس رازۋىتكا خادىملىرى بولسا دۈشمەن قوشۇنىنى ئىزدەش، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورىنى، سانى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە ئىنچىكە مەلۇماتلارنى بېرىش قاتارلىق قىينلىق دەرىجىسى يۇقىرراق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال رازۋىتكا خىزمىتىنى ئۆتەيدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى بۇ مەلۇماتلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۈشمەن تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلارغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ ھەركەت ئېلىپ بارىدۇ، بەزى ۋاقىتلار تېز ھۇجۇم ئۇيۇشتۇتۇپ، دۈشمەننى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ چېكىنىپ چىقىدىغان ئالاھىدە ھەركەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە بولسا جەڭچىلەر سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك بولىدۇ. سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتا ئەڭ ئاسان قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان دەرىجە بولسا پاراشوتچىلىق. يەنى سىز پاراشوتتىن سەكرەشكە ئالاقىدار ئۈچ ھەپتىلىك دەرىسنى تولۇق تاماملىسىڭىزلا بولىدۇ. ئەڭ قىيىن دەرىجىلەردىن بىرى بولسا زەربىدار(Ranger) ئەتىرتىگە ئەزا بولۇشتۇر. بۇنىڭغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن سىز چوقۇم Ranger مەكتىپىنى پۈتتۈرىشىڭىز كېرەك ياكى بولمىسا ئەزا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكىنىڭىزدىن كېيىن ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلىسىڭىز پىيادە قىسىمدىن ئايرىلىپ ئالاھىدە قىسىم بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئېلىپ بارىسىز. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى پىيادە قىسىمىدا جەڭچىلەر مەرگەنلىك مەكتىپىنى پۈتتۈرۈش بىلەن مەرگەنلىك سەۋىيەسىگە ھەم يېتەلەيدۇ.مانا بۇ ئۇلارنىڭ سەۋىيە ئاشۇرۇش قاتلاملىرىدىكى قىسمەن پەرقلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەزىز ئوقۇرمەن قېرىندىشىم، قېنى ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى پەرىقلەندۈرۈشتە ئانچە قىينالمايدىغان بولدىڭىزمۇ؟ ئەگەر يازمىلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز يۇرتۇغ سەھىپىمىزگە ئابۇنا بولۇشنى ۋە يېقىن يورۇقلىرىڭىزغا قانىلىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!
2020-10-25
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى