روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈركىيە ھەربىي جەھەتتىن قوللىغان ئۆكتىچىلەرگە تەۋە بىر مەركەزگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
يەرلىك مەنبەلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، ئىدلىب يېزىسىدىكى كەفەر تاھارىم ئولتۇراق رايونىنىڭ دۇۋېللې يېزىسىدىكى بىر ھەربىي مەركەز روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومبا پارتىلىغان. بۇ ھۇجۇمدا پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، كەم دېگەندە 100 ئادەم يارىلانغان.
ئىگەنلىشچە، روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ رايوندا ھەربىي كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا ئۇچۇشى ئېلىپ بارغان ئىكەن.
بۇ ھۇجۇم روسىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىككىنچى چوڭ ھۇجۇمى دەپ خاتىرىلەنگەن.
10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، روسىيە ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ جارابلۇس رايونىدىكى بىر يېقىلغۇ بازىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان. بۇ ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 5 ئادەم قازا قىلغان ، 15 ئادەم يارىلانغان.
2020-10-26
مەنبە: TRTHABR / MEPANEWS / AA