ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھىندىستاندا رەسمى زىيارىتىنى باشلىدى.
يېڭى دېھلىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە لاداختىكى چېگرا مەسىلىسى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە پومپېيو ۋە ئېسپېرنىڭ ھىندىستانغا قىلغان بۇ زىيارىتى ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
NDTV قانىلىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، پومپېيو ۋە ئېسپېر ھىندىستانلىق كەسىپداشلىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ۋە راجنات سىنگى بىلەن پايتەخت يېڭى دېھلىدا 3-نۆۋەتلىك ھىندىستان-ئامېرىكا 2 + 2 دىئالوگىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈشكەن.
يىغىن جەريانىدا، رايون بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بىخەتەر ئالاقە سىستېمىسى، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش، مۇداپىئە سودىسى ۋە يوشۇرۇن يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇزاكىرە قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
كېلىشىمگە ئاساسەن، ھىندىستان ئامېرىكا ھەربىي سۈنئىي ھەمراھىدىن ھەقىقىي سەزگۈر سانلىق مەلۇمات ، يەر شەكلى تەسۋىرى ، مەخپىي جۇغراپىيىلىك ۋە مۇھىم ھالقىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.
«بىز ھەر خىل تەھدىتلەرگە قارشى ھىندىستاننىڭ يېنىدا تۇرىمىز»
پومپېيو باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى تەھدىتى ئالدىدا بىللە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پومپېيو گالۋان ۋادىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پومپېيو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيىسى ئېلىپ كەلگەن تەھدىدلەرلا ئەمەس ، بارلىق تەھدىتكە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.
«ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ»
يېڭى دېھلى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا جىددىيلىكى ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا، تېخنىكا، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەرەققىياتى، خوڭكوڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەردە ئىختىلاپ بار بولغان ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بۇيان ھىندىستان بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى مۇقىم كۈچەيتتى.
2-ئايدا تىرامپنىڭ ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 3 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاندى.
ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە سودىسى 2008-يىلى ئاساسەن يوق بولۇپ ، 2019-يىلى 15 مىليارد دوللارغا يەتتى.
«پومپېيو سىرىلانكا، مالدىۋى ۋە ھىندونېزىيەگە بارىدۇ»
بۈگۈنكى يېڭى دېھلىدىكى يىغىن ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئىتتىپاقى (Quad) نىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىردىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلدى.
پومپېيو ھىندىستاندىن ھىندىستاندىن كېيىن سىرىلانكا، مالدىۋې ۋە ھىندىنوزىيە قاتارلىق بىر قاتار دۆلەتلەردە رەسمىي زىيارەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى.
پومپېيو زىيارەت جەريانىدا، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى مەبلەغ سېلىش، تەسىر كۈچى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۈمىد بار.
يەنە بىر تەرەپتىن ، ئېسپېر يېڭى دېھلىدىكى باياناتىدا ئاۋىستىرالىيەنىڭ كېلەر ئاي ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مالابار دېڭىزى مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاۋىستىرالىيە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2007-يىلى مانېۋىرغا قاتناشقان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ مانېۋىر خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرىگە تەڭپۇڭلۇق يارىتالايدۇ.
2020-10-28
مەنبە: AA