ئۆمرە زىيارەتلىرى تەخمىنەن 8 ئاي ئىلگىرى خىتاي ۋىرۇس سەۋەبىدىن توختىتىلغاندىن كېيىن، چەتئەلدىن كەلگەن تۇنجى ئۆمرە گۇرۇپپىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ھىندونېزىيە ۋە پاكىستاندىن كەلگەن تۇنجى ئۆمرە گۇرۇپپىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلانلار جىددە شەھىرىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىكى يەنە خىتاي ۋىرۇس تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، چەتئەلدىن كەلگەن ھاجىلار 3 كۈن كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇلار ئۆمرە ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى 3-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆمرە زىيارىتىنى ۋاقتىنچە توختاتتى ۋە 4-ئۆكتەبىر بۇ دۆلەتتە ياشايدىغانلارنىڭ ئۆمرە زىيارىتىنى قايتا باشلىدى.
خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ، بۇ يىل سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغانلارنىڭ ھەج قىلىش چەكلەنگەن ، چەتئەلدىن كەلگەن ھاجىلار قوبۇل قىلىنمىغان.
2020-11-02
مەنبە: TRTHABAR / AA