ئامېرىكا 2002-يىلدىن باشلاپ تېرورلۇق تىزىملىكىدە تۇرۇۋاتقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى) بۇ تىزىملىكتىن ئۆچۈردى.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (TİP) بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا 2001-يىلى باشلىغان «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» مۇساپىسىدىكى ئەڭ نىشانلىق قۇرۇلمىلارنىڭ بىرى.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلدى
10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ قارار بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكىنىڭ «رەسمىي گېزىتى» دەپ قارالغان فېدېرال رېگېستىردا ئېلان قىلىنغان قاراردا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيونىڭ ئىمزاسى بار.
قاراردا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى)
1988-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، ئافغانىستاندا قۇرۇلما باسقۇچىغا كىردى.
بۇ جەرياندا تالىبانلار بىلەن قويۇق ئىتتىپاق ئورناتقان TIP ئافغانىستان، پاكىستان ۋە پۈتۈن رايوندا مەۋجۇت بولۇشقا باشلىدى.
2002-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن تېرورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن TIP نىڭ نۇرغۇن رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋاقىت ئۆتكەنسىىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دەپ ئاتاشقا باشلىدى. 2011-يىلى باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ، بىر قىسىم ئەزالىرى سۈرىيىگە كەتكەن بۇ قۇرۇلما بۇ يەردىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئاكتىپ ھەرىكەتنى باشلىدى.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سۈرىيىدە يەنىلا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكىنىڭ قارارىنىڭ بۇ ئىككى رايوندا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقى قىزىقارلىق مەسىلە.
2020-11-06
مەنبە: Mepa News