ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېرنىڭ ئىستىپا بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكانىڭ 59-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بولمىسىمۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا MSNBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈچ ئەمەلداردىن نەقىل قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئوتتۇرسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە سايلامدىن كېيىن ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى كۆزگە ئالغان مىنىستىر ئېسپېرنىڭ ئىستىپا بېرىش خېتى تەييارلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئېسپېر ئىلگىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش كاتىبات باشقارمىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئۇ يەنە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى Raytheonنىڭ ھۆكۈمەت مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
2020-11-07
مەنبە: Mepanews