ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېرنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تىۋىتتېردا بۇ تېمىدا ئىككى ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىگەن ترامپ، دۆلەت تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر مىللېرنىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىردەك تەستىقلىنىپ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولىدىغانلىقىنى يازدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مارك ئېسپېرنىڭ خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. مارك ئېسپېر ترامپ دەۋرىدە مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرىلىق خىزمىتىنى قىلغان بولۇپ، جامېس ماتتىس ۋە پاترىك شاناخان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، 2019-يىلى 8-ئايدا مىنىستىر بولغان.
مەنبەلەرنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا خەۋەر قىلىشىچە، مارك ئېسپېر 3-نويابىردىكى سايلامدىن كېيىن تىرامپ ئىككىنچى قېتىم پرېزىدېنت بولسا ئىستىپا بېرىش ياكى ئىشتىن بوشىتىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.
2020-11-10
مەنبە: Amerika’nın Sesi / Mepa News