مىسىردا 6 نەپىرى ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى

ئىگىلىنىشىچە ، مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدا ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 ئادەم ئامېرىكا ئەسكىرى بولغان 8 ئادەم ئۆلگەن.

يېرىم ئارالدا تۇرۇشلۇق دۆلەت ھالقىغان كۈچلەر ۋە كۈزەتكۈچىلەر قىسىملىرىغا تەۋە تىك ئۇچار تېخنىكا مەسىلىسى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن چۈشۈپ كەتتى.

تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش نەتىجىسىدە،  6 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى، بىر نەپەر چېخ ئەسكىرى ، بىرى فرانسىيە ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئەسكەر ئۆلگەن. باشقا يارىلانغان ئەسكەر ئىسرائىلىيەدە دوختۇرخانىدا ياتقان.

ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەنلىكنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

1979-يىلى قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى داۋىد لاگېرى تىنچلىق كېلىشىمىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي قىسىملار 1979-يىلدىن باشلاپ بۇ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

2020-11-13

مەنبە: Mepa News 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top