كەشمىردە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارمىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۆز-ئارا ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
ھىندىستان توقۇنۇشتا ئالتە ھىندىستان پۇقراسى ۋە جەمئىي 4 ھەربىي ئوفېتسىرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى ۋە پاكىستاننىڭ بۇ رايونغا قىلىغان ھۇجۇمىنى توسىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان كونتروللۇقىدىكى ئازاد كەشمىردىكى مەمۇرىي مەنبەلەر، ھىندىستاننىڭ بومباردىمان قىلىشىنى نەتىجىسىدە 30 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
پاكىستان بۇ رايوندىكى «ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش» نى باھانە قىلىپ ھىندىستانغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
كەشمىردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، يېقىندىن بۇيان بۇ توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
2020-11-14
مەنبە: Mepa News