ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 15 دۆلەت دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (RCEP) كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. 2 مىليارد 100 مىليون نوپۇسنى قاپلىغان RCEP يەرشارى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ.
بۇ سودا كېلىشىمى يەنە دونالد ترامپ پرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە رايوندا قائىدىسىنى بەلگىلەشنىڭ يولى دەپ قارالدى.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 37-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن RCEP يىغىنىدا ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى برۇنېي ، كامبودژا، ھىندىنوزىيە، لائوس، مالايسىيا، بېرما، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند، ۋيېتنام، ئاۋىستىرالىيە، خىتاي، ياپونىيە، جەنۇب كورېيە ۋە يېڭى زېلاندىيە رەھبەرلىرى سەككىز يىللىق سۆھبەتتىن كېيىن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
سىنگاپور باش مىنىستىرى لى شيەنلۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ ، RCEP كېلىشىمىنى بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «بىز 8 يىللىق 46 سۆھبەت ۋە 19 مىنىستىر دەرىجىلىك يىغىندىن كېيىن بۈگۈنگە كەلدۇق ، مەن بۇ جەرياندا بوشاشماي ئىشلىگەن ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە مىنىستىرلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا مىننەتدار».
مالايسىيا خەلقئارا سودا مىنىستىرى مۇھەممەد ئەزمىن ئەلى RCEP نىڭ قان ، تەر ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن توقۇلغان سەككىز يىللىق سۆھبەتتىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ، رايوندا يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2020-11-15
مەنبە: euronews