ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن داۋاملىق ئەسكەر چېكىندۈرمەكتە.
ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئىككى دۆلەتتىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ باسقۇچتىكى پىلانلار داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نەقىل كەلتۈرگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھەر ئىككى دۆلەتتىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتىدىكەن.
ھازىر ئافغانىستاندا 4500 ئامېرىكا ئەسكىرى ، ئىراقتا بولسا 3000 ئەسكەر بار.
تالىبانلار بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن بۇيان ئافغانىستاندىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 12 مىڭ 500 گە يېتىدۇ.
دوھا كېلىشىمى ۋە ئامېرىكىنىڭ چېكىنىش جەريانى
6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 8600 ئەتراپىدا ئازايتتى.
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۇ دۆلەتتىكى ئەسكەر سانىنى 8600 گە قىسقارتىشىدىن ئۈمىد بار ئىدى.
7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئامېرىكا ھىلمانىد ، ئۇرۇزگان، پاكتىكا ۋە لامان قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى جەمئىي 5 چوڭ ھەربىي بازىنى تاقىدى.
كېلىشىم ئىمزالانغان ۋاقىتتا ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 13 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى.
كېلىشىمدىكى بەلگىلىمەر
ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى 135 كۈن ئىچىدە بەرگەن ۋەدىسى تۆۋەندىكىچە:
1- ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى سەككىز مىڭ ئالتە يۈز (8600) گە قىسقارتىدۇ.
2- ئامېرىكا، ئۇنىڭ بىرلەشمە ئىتتىپاقى ئەسكەرى بەش (5) ھەربىي بازىدىن چېكىندۈرىدۇ.
ئامېرىكا كېلىشىمدە 14 ئاي ئىچىدە دۆلەتتىن چېكىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا 2021-يىلى مايغىچە دۆلەتتىن چېكىنىشى كېرەك.
2020-11-17
مەنبە: Mepa News