سەيشەنبە كۈنى ئاۋىستىرالىيە ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى ئۆز-ئارا خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئىتتىپاقدىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكچى.
ئىككى دۆلەت ئۆز-ئارا زىيارەت قىلىش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە ئاز قالغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئەسكەرلەر مەشىق ۋە بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىكەن.
توكيودىكى سۆھبەتتە ، باش مىنىستىر يوشىخىدې سۇگا ۋە ئاۋىستىرالىيەلىك مەنسەپدىشى سكوت موررىسوننىڭ بۇ كېلىشىمنى يەنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ يەنە خىتاي ۋىرۇس ۋە ئىقتىسادنى مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
ئەگەر بۇ كېلىشىم ئىمزالانسا ياپونىيەنىڭ 1960-يىلدىكى ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن كۈچلەر كېلىشىمىدىن بۇيانقى تۇنجى كېلىشىم ھېساپلىندىغان بولۇپ، ئامېرىكا تەخمىنەن 50 مىڭ ئەسكىرىنىڭ ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئاستىدا ياپونىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن بازا قۇرغان.
پەقەت ئىككى رەھبەر ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمانلىرى بىلەن ئاچقان يېپىق يىغىندىن كېيىن كېڭەيتىلگەن سۆھبەتنىڭ بېشىدا ، سۇگا «دۆلەت بىخەتەرلىكى، سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ياپونىيە بىلەن ئاۋىستىرالىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى»
ياپونىيە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيىسى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇل تېشى سۈپىتىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان 60 يىللىق ئىتتىپاقداشلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە باشقىلار، بولۇپمۇ ئاۋىستىرالىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون مۇداپىئەسىنى تولۇقلاشقا كۈچىمەكتە.
2020-11-17
مەنبە: japantimes