ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيە پايتەخت دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلغان.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق SANA ئورگىنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كېچە سائەت 03.11 ئەتراپىدا دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى ھەربىي نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلغان.
ھاكىمىيەت مەنبەلىرى ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 3 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندا ماددى زىياننىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بەزى يەرلىك مەنبەلەردە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر سانى ئاز دېگەندە 10 دېيىلگەن.
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي بازىسى بولۇپلا قالماي ، سۈرىيەدە ئىران ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان شىئە قوراللىق كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايونلاردۇر.
سۈرىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران قوللىغان شىئە قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى.
2020-11-18
مەنبە: Mepa News