سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى.
باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەۋھۇم مۇھىتتىكى يېپىلىش باياناتىدا، خىتاي ۋىرۇس (COVID-29) يۇقۇمىنىڭ ئاساسلىق قارالما ماددىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ھەمدە COVID-19 دىن كېيىنكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: باشلىقلار يىغىنىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر يۇقۇم ئەھۋالىغا قارشى تۇرۇشنى قوللايدۇ، ھەمدە قەرزىنى تۆلەشنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.
باياناتتا 46 دۆلەتنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش قارارىدىن پايدىلىنىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
16-نۆۋەتلىك يىغىن G20 ئىتالىيەگە يۆتكەلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 16-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىنى ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇسېپپې كونتېغا تاپشۇرۇپ بەردى.
پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كونتې سەئۇدى ئەرەبىستانغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلار ساھىبخانلىق قىلىدىغان 16-نۆۋەتلىك G20 باشلىقلار يىغىنىنىڭ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2020-11-23
مەنبە: TRTHABAR / AA