يەمەندىكى ئىران قوللىغان ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامكونىڭ جىددە شەھىرىدىكى بىر تارقىتىش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھۇىسينىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سېرى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئۇلار يېقىندا ئىشلەتكەن ئېرۇسالىم 2 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن جىددەدىكى ئارامكو شىركىتىگە تەۋە تارقىتىش پونكىتىنى نىشانلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ نىشانلىق رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان سېرى ، بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ھۇجۇم ۋە قورشاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سېر ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنى مۇھىم ئورگانلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى
يەمەندىكى ئىران قوللىغان ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىسمەن رايونلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئەۋج ئالغان يەمەندە ، ئىران قوللىغان ھۇسىيلار 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلىپ كەلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ يەمەن ھۆكۈمىتىنى ھۇسىيلارغا قارشى قوللاپ كەلدى.
2020-11-23
مەنبە: TRTHABAR / AA