خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىچىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىشىنىڭ كەلگۈسىدە قوراللارنى كونترول قىلىشنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى جاۋ ئامېرىكانىڭ «ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى» دىن چېكىنىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارانىڭ قوراللارنى كونترول قىلىشىغا ۋە قورالسىزلاندۇرۇش مۇساپىسىغا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن روسىيە بىلەن قوراللارنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان «ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى» دىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
روسىيە بىلەن ئامېرىكا ھەربىي پائالىيەتلەردە ئوچۇق – ئاشكارىلىقنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كېلىشىملەرنى نازارەت قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن قورالسىز رازۋېدكا ئۇچۇشلارغا رۇخسەت قىلىدىغان «ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان 34 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغان ئىدى.
ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئىاسۇرۇش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن ۋە 1992-يىلى ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزا قويۇلغان «ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى» گە تۈركىيەمۇ ئىمزا قويغان ئىدى.
خىتاي گەرچە كېلىشىمگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولمىسىمۇ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈشىگە يول قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
2020-11-23
مەنبە: TRTHABAR