Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىياروسىيە قاراباغقا داۋاملىق ئەرمەنلەرنى توشۇۋاتىدۇ

روسىيە قاراباغقا داۋاملىق ئەرمەنلەرنى توشۇۋاتىدۇ

by تەكلىماكان

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1700 ئەتراپىدا ئەرمەننى ئەرمىنىيەدىن ناگورنو-قاراباغقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا، ئالدىنقى كۈنى ئەرمېنىيەدىن كەلگەن روسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە ماشىنا ئەترىتى بىلەن ناگورنو-قاراباغقا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئەرمەنلەرنىڭ سانىنىڭ 1699 گە يەتكەنلىكى بايان قىلىندى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە پۇقرالىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ئەترىتىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋاندىن ناگورنو-قاراباغنىڭ ئەڭ چوڭ ئولتۇراق رايونى خانكېندىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بايان قىلىندى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا «ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى روسىيە تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى تەمىنلىگەن» دېيىلگەن.

9-نويابىر روسىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن ، تەرەپلەر ناگورنو-قاراباغدىكى ھەربىي پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى ، روسىيە بۇ رايونغا «تىنچلىق ساقلاش قىسمى» نامىدا ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىدى.

ئاز دېگەندە 2 مىڭ ھەربىي خادىم ۋە 90 برونېۋىك بىلەن ناگورنو-قاراباغدىكى جەرياننى نازارەت قىلىش ئۈچۈن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان روسىيە ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن بۇ رايوندا كەم دېگەندە 5 يىل تۇرىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن ، روسىيە بۇ مۇددەت توشقاندىن كېيىن مۇددىتىنى ئۇزارتالايدۇ.

2020-11-30

مەنبە: Mepa News

Related Articles

Leave a Comment