ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سومالىدىكى بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى 2021-يىلىنىڭ بېشىدا دۆلەتتىن چېكىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا، تىرامپنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چېكىندۈرۈشنى بۇيرۇغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ 2021-يىلى 15-يانۋارغىچە سومالىدىن چېكىنىدىغانلىقى بايان قىلىندى.
ئامېرىكىنىڭ ئەسكەرلىرىنى سومالىغا قوشنا دۆلەتلەرگە يۆتكەيدىغانلىقى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇ يەردىن چېگرا ھالقىغان ھەرىكەتلەرنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ترامپ ئافغانىستان ۋە ئىراقتىمۇ ئەسكەر چېكىندۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
ئامېرىكا سومالىدا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
شۈبھىسىزكى ، سومالى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بۇ دۆلەتكە ھەربىي جەھەتتىن بىۋاسىتە ئارىلىشىشقا باشلىغان ئامېرىكا ، ئىسلام سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن سىياسىي جەھەتتە بۇ دۆلەتنى ئىگىلىدى.
ئامېرىكا يەنە ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ سومالىدىكى AMISOM خرىستىيانلارنىڭ ۋەزىپىسىنى كەڭ قوللايدۇ.
ئامېرىكا سومالىدىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىنى تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇقدىشۇ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى قوللايدىغان ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ قىسىملارنى ھەربىي مەشىقلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى سومالىدا ئەلقائىدىنىڭ شەرقىي ئافرىقا تارمىقى «ئەششاباب» قا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدۇ.
ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە بۇ دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئەگەر ئامېرىكا سومالىدىن چېكىنىپ چىقسا قانداق بولىدۇ؟
ئامېرىكا ھازىر سومالىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك چەتئەل دۆلىتى. ئەگەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بۇ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقسا ، ئەششاباب تەشكىلاتىنىڭ مۇقدىشۇ ھۆكۈمىتى ۋە AMISOM غا بولغان تەسىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا سومالىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندىن چېكىنىشى سومالىدىكى باشقا چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەلۇمكى ، خىتاي يېقىندا شەرقىي ئافرىقىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنىڭ خىتاينىڭ رايوندا مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2020-12-05
مەنبە: Mepa News